ئەردوغان، مەھمۇد ئابباسقا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

144391
ئەردوغان، مەھمۇد ئابباسقا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پەلەستىننىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ۋە ئايرىش تېمىغا مەسئۇل مىنىستىرى زىياد ئەبۇ ئەيىننىڭ ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن چىققان جىدەلدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنىڭ بۇ پەسكەشلەرچە قىلمىشىنى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مەرھۇم زىياد ئەبۇ ئەيىننىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ئازابلىق ھادىسە، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە سالغان زۇلۇم، قىلغان ئىشغال ۋە ۋەيران قىلىشنى چىقىش قىلىدىغان پەرۋاسىزلارچە پوزىتسىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۈلگىسىدۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېلېگراممىسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ، پەلەستىن خەلقىنىڭ جان ۋە مېلىنى نىشان قىلغان رەھىمسىز ھۇجۇملىرىنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن نومۇس قىلارلىق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

«تۈرك خەلقى بۇ ماتەم كۈنىدە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنىڭ ئازابىنى قەلبىدە ھېس قىلماقتا» دېگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇستەقىل ۋە ئۆز – ئۆزىگە خوجا بىر دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ئەركىنلىك ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن، تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاشلا كېلەچەكتىمۇ پەلەستىن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر