لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى داىلىئە گىرىبائۇسكايتې تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

142078
 لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى ئەنقەرەدە ئالدى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى. كېيىنچە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىغا ئۆتكەن لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى داىلىئە گىرىبائۇسكايتې رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.
مۇراسىمدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كەسپدىشى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى. ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن ئورتاق كومىتېت قۇرۇلۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنغان كېلىشىملەر ئىمزالاندى. ئەردوغان بىلەن گىرىبائۇسكايتېنىڭ قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئورتاق ئېنېرگىيە لايىھەلىرىدىن سىرت يەنە، سۈرىيە مەسىلىسىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تەلىم - تەربىيە ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش، بىخەتەر رايون ۋە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىش مەسىلىلىرىگە قارىتا سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «بىخەتەر رايون ۋە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون بەرپا قىلىش مەسىلىسى توغرۇلۇق تېخىچە ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ۋەدە بەرگىنى يوق، ئەمما بۇ بىزنىڭ ھەيئەتلىرىمىزدە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلە، تەلىم - تەربىيە ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغاندەك قىلىدۇ، ئەمما قالغان ئىككى مەسىلىدە تولىمۇ ئەپسۇسكى تېخىچە بىردەكلىك يوق، بىردەكلىك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەرىكەتكە ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى گىرىبائۇسكايتېمۇ دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر