«تېررورلۇققا چارە  تېپىش مۇساپىسى» يىغىنى ئەنقەرەدە چاقىرىلدى

«تېررورلۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇساپىسى» يىغىنى تۈنۈگۈن باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلدى.

139260
«تېررورلۇققا چارە  تېپىش مۇساپىسى» يىغىنى ئەنقەرەدە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە چاقىرىلغان يىغىن 5 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشتى. يىغىندا، تېررورلۇققا خاتىمە بېرىش مەقسەتلىك مۇساپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە تااشلىنىدىغان قەدەملەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىنغا مۇئاۋىن باش مىنىستىرلاردىن بۈلەنت ئارىنچ، يالچىن ئاقدوغان ۋە نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالا، مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمەت يىلماز، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەسلىھەتچىسى كەمال مادەنئوغلۇ، مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى خاقان فىدان، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مۇھەممەد دەرۋىشئوغلۇ، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى باش مەسلىھەتچىسى ھاتەم ئەتە ۋە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپا باشلىقى ماھىر ئۈنال قاتارلىقلار قاتناشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر