باش ئەلچى تەيىنلەش قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم باش ئەلچىخانىلارغا باش ئەلچى تەيىنلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارار رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

148556
 باش ئەلچى تەيىنلەش قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى تەيىنلەش قارارى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.
مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ بىر قىسىم باش ئەلچىخانىلارغا باش ئەلچى تەيىنلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارار رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.
قارارغا كۆرە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باش ئەلچىسى شەفىق ۋۇرال ئالتاي بىلەن كېنىيە باش ئەلچىسى ھۈسەيىن ئاۋنى ئاكسوي مەركەزگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن.
باشقارما باشلىقى مۇستافا لەۋەنت بىلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باش ئەلچىلىكىگە، باشقارما باشلىقى دەنىز ئەكە كېنىيە باش ئەلچىلىكىگە، باشقارما باشلىقى مەھمەت رائىف قاراجا رۇئاندا باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر