پەلەستىنلىك يارىدارلار ئىزمىر دوختۇرخانىلىرىدا داۋاملاشماقتا

غەززەدىن كەلتۈرۈلگەن 21 پەلەستىنلىك يارىداردىن 19 ىنىڭ داۋالاش ئىشلىرى ئىزمىردىكى 3 دوختۇرخانىدا داۋاملاشماقتا.

135621
پەلەستىنلىك يارىدارلار ئىزمىر دوختۇرخانىلىرىدا داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىن كەلتۈرۈلگەن 21 پەلەستىنلىك يارىداردىن 19 ىنىڭ داۋالاش ئىشلىرى ئىزمىردىكى 3 دوختۇرخانىدا داۋاملاشماقتا.
ئىزمىر ۋالىيسى مۇستافا توپراق، تۈنۈگۈن ئىزمىردىكى 3 دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنى يوقلىدى.
ۋالىي توپراق، «ۋەتىنىڭلارغا ساق - سالامەت قايتىشىڭلار ئۈچۈن دۆلتىمىزنىڭ پۈتكۈل ئورۇنلىرىنىڭ، جۈملىدىن جۇمھۇر رەئىس ئالىيلىرى بىلەن باش مىنىستىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا يارىلانغان پەلەستىنلىكلەرمۇ، تۈركىيە تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.
ۋالىي توپراق، زىيارىتىدىن كېيىن سەيشەنبە كۈنى كەچتە يەنە 28 يارىدارنىڭ ھەربىي ئايروپىلان بىلەن ئىزمىرغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىزمىردىكى 21 پەلەستىنلىك يارىداردىن 2 سى داۋالىنىشى ئۈچۈن ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەگە ئەۋەتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر