چاۋۇشئوغلۇ پارىژ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پارىژدا چاقىرىلغان «ئىراقتا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كونفېرانسى» غا ئىشتىراك قىلدى.

127443
 چاۋۇشئوغلۇ پارىژ يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، پارىژدا چاقىرىلغان «ئىراقتا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك كونفېرانسى» غا ئىشتىراك قىلدى.
چاۋۇشئوغلۇ، twitter ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «رايوندىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى پەقەت شۇ مەسىلىلەرنى تۇغدۇرغان ئاساسلىق ئامىللارنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن» دېدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئىراق خەلقىگە كەڭ قۇچاق ئېچىشىنىڭ ھەم دۆلەت ھەم رايوننىڭ مۇقىملىقىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئىراقتا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان چاۋۇشئوغلۇ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ خىزمەتچى - خادىم بوشلۇقىنى تولدۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى. ئىراقنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى سۈرىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «سۈرىيەدە قولى قانغا بويالغان مۇستەبىت ھاكىمىيەت داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن تەقدىردە، ھەم ئىراق ھەمدە رايوندا مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر