تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باش كاتىپى مۇئەييەنلەشتى

فەخرى كاسىرگا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى.

123420
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باش كاتىپى مۇئەييەنلەشتى


تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتقا كۆرە، تۈركىيە باش مانىستىرلىكى مەسلىھەتچىسى فەخرى كاسىرگا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باش كاتىپى بولدى.
7 يىلدىن بۇيان باش كاتىباتلىق ۋەزىپىسنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان مۇستافا ئىسەن بولسا، جۇمھۇر رەئىسلىك باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسگە تەيىنلەنگەن فەخرى كاسىرگا 1953 – يىلى رىزەنىڭ چايىلى ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىستانبۇل كاباتاش ئوغۇللار تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن 1977 – يىلى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكولتىتىنى نەتىجىلىك تاماملىغان. 1978 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە بولغان جەرياندا جۇمھۇرىيەت باش تەپتىشى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2003 – يىلى 3 – ئۆكتەبىردە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى مەسلىھەتچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئاندىن 2007 – يىلى 22 - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردىن ئىلگىرى، 2007 – يىلى 8 – مايدىن 2007 – يىلى 29 - ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلدە ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان.
ئەفكان ئەلا تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن 2014 – يىلى 20 – يانۋاردا فەخرى كاسىرگا تۈركيە باش مىنىستىرلىكى مەسلىھەتچىسى بولۇپ بەلگىلەنگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر