ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

118864
 ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگىل ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى.
چاك ھېيگىل، گىرۇزىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن تۈنۈگۈن ئەنقەرەگە كەلدى.
ھېيگىل، ئەنقەرەدە ئالدى بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى نەجدەت ئۆزەلنى زىيارەت قىلدى.
ھېيگىلنىڭ زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى ئادرېسى چانكايا سارىيى ئىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چانكايا سارىيىدا ھېيگىلنى قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشنىڭ كۈنتەرتىپىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدىتى، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بار ئىدى.
ھېيگىل كېيىنچە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.
بۇ ئارىلىقتا، باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇمۇ باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىدە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى مەسلىھەتچىسى فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇ بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگىتون باش ئەلچىسى سەردار قىلىچنى قوبۇل قىلدى.
ھېيگىل، ئاخىرىدا باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىيەسى مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۇكرائىنا، سۈرىيە ۋە ئىراقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر قاراپ چىقىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر