ئەردوغان: دۆلىتىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىمەن

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىپ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

109206
ئەردوغان: دۆلىتىم ۋە خەلقىم ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلىمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «خەلق تەرىپىدىن سايلانغان تۇنجى جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھۆرمەتلىك باش مىنىستىرىمىز بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، گۈزەل دۆلىتىمىز تۈركىيەنى خۇدايىم بۇيرۇسا زامانىۋى ۋە تەرەققىي تاپقان مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە يەتكۈزىمىز»دېدى.
تۈركىيەنىڭ 12-نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 28-ئاۋغۇستتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئىستانبۇلغا بارغان ئەردوغان، ئاتاتۈرك ئايرۇدۇرۇمى دۆلەت مېھمان سارىيىدا خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.
ئۆزىنى كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن خەلق ئاممىسىغا خىتاب قىلغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 10-ئاۋغۇست جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا خەلقنىڭ مىللىي ئىرادە نامىغا نامايەن قىلغان پوزىتسىيىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن پەرقلىق ئىشارەتلەردىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جۇمھۇر رەئىس بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن ئەردوغان، ئەتە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن ئەزەربەيجاننى، كەينىدىنلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
خەلق ئاممىسى ئەردوغان سۆز قىلىۋاتقاندا پات-پات شوئار توۋلاپ، ئەردوغانغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە سۆيگۈسىنى ئىپادىلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر