زەپەر بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە

30 - ئاۋغۇست، بۇنىڭدىن 92 يىل مۇقەددەم دۇملىپىناداردا مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باش قوماندانلىقىدا زەپەر بىلەن نەتىجىلەنگەن باش قوماندانلىق مەيدان ئۇرۇشى كۈنى.

108266
زەپەر بايرىمى قىزغىن تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن 30 - ئاۋغۇست زەپەر بايرىمى كۈنى...
30 - ئاۋغۇست، بۇنىڭدىن 92 يىل مۇقەددەم دۇملىپىناداردا مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك باش قوماندانلىقىدا زەپەر بىلەن نەتىجىلەنگەن باش قوماندانلىق مەيدان ئۇرۇشى كۈنى.
30 - ئاۋغۇست، ئىشغالچى كۈچلىرىنىڭ دۆلەت چېگرىلىرىنى تەرك ئېتىشى كېچىكىپ ئىشقا ئاشقان بولسىمۇ ۋەتەن زېمىنى قايتۇرۇۋېلىنغان شانلىق بىر كۈن.
بۇنىڭدىن 92 يىل ئىلگىرى قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي زەپەر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەنمەكتە.
تۇنجى رەسمىي مۇراسىم ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىس بولۇش بىلەن تۇنجى قېتىم ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمغا داۋۇتئوغلۇمۇ باش مىنىستىر سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى.
ئەنقەرەدە تۇنجى مۇراسىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باشچىلىقىدىكى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلىشى بىلەن باشلاندى.
مۇراسىمغا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، باش ئىشتاب باشلىقى نەجدەت ئۆزەل، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مىنىستىرلار كېڭىشى ئەزالىرى، قوماندانلار ۋە باشقا رەھبەرلەر ئىشتىراك قىلدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كېيىنچە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيى مەخسۇس دەپتىرىنى ئىمزالىدى ۋە دەپتەرگە يازغانلىرىنى ئوقۇدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دەپ يازدى: «ئېزىز ئاتاتۈرك، مىسلىسىز زەپەرنىڭ 92 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، سىز بىزگە مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن جۇمھۇرىيەت بىلەن دۆلىتىمىزنى زامانىۋى مەدەنىيەت سەۋىيەسىدىن ھالقىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتىمىز. مىسلىسىز زەپەر، مىللىتىمىزنىڭ مىڭ يىللىق ۋەتىنى ئانادولۇنىڭ ئەبەدىي يۇرتىمىز ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل جاھانغا بىلدۈرۈپ قويۇش جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»
زىيارەتتىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چانكايا سارىيىغا يېتىپ بېرىپ، تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر