پ ك ك ئۈچ خىتاي ئىنژېنېرىنى تۇتۇپ كەتتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك شىرناكتا قۇرۇلۇۋاتقان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۈچ خىتاي ئىنژېنېرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

103511
پ ك ك ئۈچ خىتاي ئىنژېنېرىنى تۇتۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك (PKK) شىرناكتىكى ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەيدىغان ئۈچ خىتاي ئىنژېنېرىنى تۇتۇپ كەتتى.
شىرناكنىڭ سىلوپى ناھىيەسىدە قۇرۇلۇشى داۋام قىلىۋاتقان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۈچ خىتاي ئىنژېنېرى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، رايوندا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلىنىپ كەتتى.
بۇ جەرياندا، پ ك ك تەرىپىدىن ھەپتە ئاخىرى تۇتۇپ كېتىلگەن ئىككى تۈرك ئىشچى دىيارباكىرنىڭ لىجە ناھىيەسىدە قويۇپ بېرىلدى. بىنگۆلنىڭ گەنچ ناھىيەسىگە قاراشلىق سەرۋى يېزىسىغا جايلاشقان ئىستانسىسىغا بېسىپ كىرگەن تېررورلۇق تەشكىلات ئەزالىرى، ئىككى موتورغا ئوت قويۇپ بېرىپ، بۇ ئىككى تۈرك ئىشچىنى تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر