رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 28 – ئاۋغۇست قەسەم بېرىدۇ

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 28 – ئاۋغۇست قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدىغان مۇراسىمغا، 53 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە خەلقئارالىق ھەيئەتلەر قاتنىشىدۇ.

101487
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 28 – ئاۋغۇست قەسەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 12 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 28 – ئاۋغۇست تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە قەسەم بېرىدۇ. شۇ كۈنى يەنە چانكايا سارىيىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
مۇراسىمغا 53 دۆلەت ۋە يەتتە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 15 دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ. 12 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چانكايا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىسلىك ئورنىغا رەسمىي ئولتۇرىدۇ.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋەزىپىسىنى 11 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈلدىن تاپشۇرۇۋالىدىغان مۇراسىمنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. چانكايا سارىيىدا 12 – نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى ئۈچۈن ھەشەمەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئاتلىق ئەترەت قارشى ئالىدۇ. مۇراسىمغا، چەت ئەل رەھبەرلىرىمۇ قاتنىشىدۇ. ھازىردىن باشلاپ 15 دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى، ئىككى دۆلەتنىڭ پارلامېنت باشلىقى، 10 دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى، بىر دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە بىر دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. مۇراسىمغا قاتار ئەمرىمۇ قاتنىشىدۇ، ئامېرىكا بىر ھەيئەت ئەۋەتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر