گۈل، ئەردوغاننىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدىغان ئادەمگە ئىشارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئورنىغا باش مىنىستىر بولىدىغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارلىدى.

96495
گۈل، ئەردوغاننىڭ ئورنىغا ئولتۇرىدىغان ئادەمگە ئىشارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، سودا – سانائەت دۇنياسى، سەنئەتچىلەر، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرىگە چانقايا جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ۋىدالىشىش زىياپىتى بەردى.

مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئابدۇللاھ گۈل، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆزىنىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن بىر كۈن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسلەتكەن ھالدا، «كۆرۈنۈشكە قارىغاندا، تاپشۇرۇپ ئالىدىغان دوستىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەد ئەپەندى. ئۇنى سىياسەت ساھەسىگىمۇ، دۆلەت ھاياتىغىمۇ مەن ئېلىپ كىردىم» دېدى.

گۈل يەنە: «تەجرىبىلىرىمنى يەنە داۋاغا، ئۆزۈم قۇرغان پارتىيەنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا تىرىشىمەن.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر