بودرۇمدا يەر تەۋرىدى

مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى

91830
بودرۇمدا يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇغلانىڭ بودرۇم ناھىيەسىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، قەندىللى رەسەتخانىسى، يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى، دۆلەتلىك يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش بۇدرۇم مەركەزدە يەرنىڭ تېگىدىن 8 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەن.
سائەت 07.00 دە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش قىسقا مەزگىللىك پاتپاراقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بىر قىسىم ۋەتەنداشلار ئۆزلىرىنى سىرتقا ئاتقان.
رايوندا ئىككى كۈن ئىلگىرىمۇ 4.1 يەر تەۋرىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر