رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە كۆرە، سايلامدا ئەردوغان غەلىبە قىلدى

تۈركىيەنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان...

86054
رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە كۆرە، سايلامدا ئەردوغان غەلىبە قىلدى

تۈركىيەنىڭ 12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان...
تۈرك خەلقى تۇنجى قېتىم جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان سايلاملارنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە كۆرە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئومۇمىي ئاۋازنىڭ 53%نى ئېلىپ جۇمھۇر رەئىس سايلاندى.
12- نۆۋەتلىك جۇمھۇر رەئىسىنى سايلاش رىقابىتىگە ئۈچ نامزات قاتناشتى.
ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ نامزاتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان؛ مەجلىس (پارلامېنت) تىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ۋە مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن باشقا 12 پارتىيەنىڭ ئورتاق نامزاتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ؛ خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولسا، پارتىيەنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقى سالاھاتتىن دەمىرتاش ئىدى.
تۈركىيە مىقياسىدا ئەتىگەن سائەت 8 دە باشلىغان بېلەت تاشلاش جەريانى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تە ئاخىرلاشتى. 52 مىليون 894 مىڭ 115 بېلەت تاشلىغۇچى تۈركىيە مىقياسىدىكى 165 مىڭ 108 ساندۇققا بېلەت تاشلىدى.
پەقەت بىرلا بېلەت تاشلاش بېلىتى بولغانلىقى ئۈچۈن بېلەت تاشلىغۇچىلار كۆپ ساقلىماستىنلا بېلەتلىرىنى تاشلىيالىدى.
ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ سايلامغا مۇناسىۋەتلىك تارقىتىشلىرىغا قويغان چەكلىمىسىنىڭ تۈركىيە ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 يېرىمدا بىكار قىلىنىشى بىلەن تەڭلا سانالغان بېلەتلەرنىڭ نەتىجىلىرى كېلىشكە باشلىدى.
رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە كۆرە، ساندۇقلارنىڭ 94% ئېچىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسەن، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 53.02%، ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ 37.84%، سالاھاتتىن دەمىرتاش 9.14% ئاۋازغا ئېرىشتى.
باش مىنسىتىر ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە سانالغان بېلەتلەرنىڭ 53.1% نى ئالدى، ئىستانبۇلدا 51.9% بىلەن رىقابەتتە ئالدىدا ماڭماقتا.
ئىزمىردە 58.7% لىك ئاۋاز بىلەن ئەكمەلۇددىن ئىھسانئوغلۇ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان بولسا، دىياربەكىردە سالاھاتتىن دەمىرتاش سانالغان بېلەتلەرنىڭ 63.2% نى ئالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر