ئەردوغان: تاغلاردىكىلەرنى ئۆيلىرىگە قايتىشقا چاقىرىمىز

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېررورلۇققا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈۋاتقان چارە باسقۇچىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تاغلاردىكىلەرنى ئۆيلىرىگە قايتىشقا چاقىرىمىز» دېدى

84851
ئەردوغان: تاغلاردىكىلەرنى ئۆيلىرىگە قايتىشقا چاقىرىمىز

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېررورلۇققا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈۋاتقان چارە باسقۇچىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تاغلاردىكىلەرنى ئۆيلىرىگە قايتىشقا چاقىرىمىز» دېدى.
خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تېررورىزم بىلەن بىرلىكتە ياشىيالمايدىغانلىقىنى، شۇڭا تېررورنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ 7 رايونىدا ياشاۋاتقان 77 مىليون خەلقىنىڭ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تاغلاردىكىلەرنى قورال - ياراغلارنى تاشلاپ، ئۆيلىرىگە قايتىشقا چاقىرىمىز.»
ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى ۋە تۈركىيەنىڭ مۇسۇل كونسۇلخانىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان 49 نەپەر خادىمىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «نۆۋەتتە ئۇ يەردە 49 ۋەتەندىشىمىز بار، مۇ مەسىلىگە داۋاملىق سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلار بىزنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ، جۈملىدىن ئۇلار بىزنىڭ پوزىتسىيەمىزنى ناھايىتى توغرا دەپ قارىماقتا، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى پوزىتسىيەسى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ» دېدى.
ئەردوغان، نۆۋەتتە ھەم تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمدە ئۇ يەردىكى يېزىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلققە يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ ياردەملەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان، «بىزنىڭ ئارزۇيىمىز پۈتكۈل ئىراقتا بۇنداق قىيىنچلىقلارنى ھەل قىلىش» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر