ئەربىل ھاۋا قاتنىشى قايتىدىن باشلاندى
بىخەتەرلىك تۈپەيلى توڭلىتىپ قويۇلغان ئەربىل ھاۋا قاتنىشى قايتىدىن باشلاندى
بىخەتەرلىك تۈپەيلى توڭلىتىپ قويۇلغان ئەربىل ھاۋا قاتنىشى قايتىدىن باشلاندى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەربىلگە پىلانلانغان كېچە ئۇچۇشلىرىنىڭ كۈندۈز ۋاقتىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، يولۇچىلارنىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتى ۋەياكى 4440849 تېلېفون نومۇرلۇق چاقىرىق مەركىزىدىن ئۇچۇشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئەربىل سەپەرلىرىنى كۈندۈز ۋاقتىغا ئۆزگەرتىپ، ئۇچۇشقا باشلىدى.
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن سائەت 06.50 دە TK-804 ئۇچۇش نومۇرلۇق ئايروپىلان، 45 يولۇچىسىنى ئېلىپ، ئىستانبۇلدىن ئەربىلگە قاراپ ئوڭۇشلۇق ھالدا يولغا چىقتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.