ئەردوغان: ئىسرائىلىيە بۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەك
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
بان كىمۇن، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى تۆھپىلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. باش مىنىستىر ئەردوغان بولسا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن كېلىشمەسلىكىنىڭ ھەربىي ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلىنالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، غەززەدە قەتلىئام سادىر قىلغان ھۇجۇملارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختىتىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلدى. ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
تېلېفون سۆھبىتى يېرىم سائەت داۋاملاشتى؛ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى بان كىمۇننىڭ تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.