ئەردوغان: «پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسى» ئەڭ ئەۋزەل سىستېما

جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈنۈگۈن خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلدى

67164
ئەردوغان: «پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسى» ئەڭ ئەۋزەل سىستېما

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر ئەردوغان، تۈنۈگۈن خۇسۇسىي بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ كۈنتەرتىپىدە، 3 قېتىملىق پارلامېنت ئەزالىقى چەكلىمىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك سايلاملىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر بار ئىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان تەقدىردە قانداق بىر سىياسەتنى يولغا قويىدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.
ئەردوغان، «پۇتىن مودېلى» گە ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى، «پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسى» نى ئەڭ ئەۋزەل سىستېما دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەدە پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر ئەردوغان، «ۋاقتى كەلگەندە پارتىيەمىزنىڭ قارار مېخانىزىملىرى بۇنى قوبۇل قىلارمۇ قىلماسمۇ بۇ ماڭا نامەلۇم، پىرېزىدېنتلىك سىستېمىسى بولمىسا يېرىم پىرېزىدېنتلىق سىسيېمىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن» دېدى.
ئەردوغاندىن، جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان تەقدىردە، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەھۋالى، يېڭى باش مىنىستىر ۋە 3 قېتىملىق پارلامېنت ئەزالىقى چەكلىمىسى توغرۇلۇق سورالدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان راي سىناش نەتىجىلىرى ۋە كېڭەش يىغىنلىرى ئارقىلىق يېڭى باش مىنىستىرنىڭ بەلگىلەپ چىقىلىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن سەپداشلىرىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا، 3 قېتىملىق پارلامېنت ئەزالىقى چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىپ قىلىنماسلىقىغا قارىتا قارار بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئومۇمىي سايلامنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باش مىنىستىر ئەردوغان، بىر يىلدا 3 قېتىملىق سايلامنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جەھەتتىن ياخشى ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق توختالغاندا، پارتىيەسىدىن ئايرىلغان سىياسىيونلارنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر