پارلامېنت ئەزالىرى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئەنقەرەدە ۋەتەنداشلار بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

63125
 پارلامېنت ئەزالىرى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە ۋەتەنداشلار بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى، ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەدىن غەززەگە قاراتقان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى دەرھال توختىىشىنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مۇرات يىلدىرىم، ئىسرائىلىيەگە «توختاپ تۇر» دېيىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، جىددىي قارار ماقۇللىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.
يىلدىرىم، «زۆرۈر تېپىلغاندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك» دېدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنىڭ رايوننى قان كۆلىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغانلىقى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى دەرد - ئەلەمگە مۇپتىلا قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
يىلدىرىم، «زۆرۈر تېپىلغاندا پارلامېنت ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن غەززەگە جانلىق قالقان بولۇش ئۈچۈن بارىدىغانلىقىمىزنىمۇ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمەن» دېدى.
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەيئىتىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئورھان ئاتالايمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشى ئۈچۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە چاقىرىقتا بولدى.
جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ماھمۇت تانالمۇ، ئىسرائىلىيەدىن زۇلۇمنىڭ ھېسابى سورىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر