تۈركىيە، يەمەن قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، يەمەن ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.

127271
تۈركىيە، يەمەن قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، يەمەن ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۆلەتتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن بىردىنبىر يولنىڭ مىللىي دىيالوگ مۇساپىسى ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى. باياناتتا، «يەمەندە يېقىنقى كۈنلەردە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئامران ۋىلايىتى قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز. يەمەندە تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن بىردىنبىر يولنىڭ خەلقنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن مىللىي دىيالوگ مۇساپىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايمىز ۋە قېرىنداش يەمەن خەلقى بىلەن ھەرساھەدىكى ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر