ئەردوغان ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانىنى ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانىنى ئىستانبۇلدا ئېلان قىلدى

126720
 ئەردوغان ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس نامزاتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانىنى ئىستانبۇلدا ئېلان قىلدى.
«يېڭى تۈركىيە يولىدا» تېمىلىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانى، دېموكراتىك ھاكىمىيەت، پاراۋانلىق جەمئىيىتى ۋە باشلامچى دۆلەت تېمىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ. باش مىنىستىر ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىككە سايلانغان تەقدىردە، تېرروزىمنىڭ ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان چارە باسقۇچىنىڭ تەقىبچىسى بولىدىغانلىقلىرى ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇن خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى. باش مىنىستىر ئەردوغان، ئىستىراتېگىيەلىك نىشان پىلانىنى، سەنئەتچىلەر، يازغۇچىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ھۆكۈمەت ئەزالىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ھەرقايسى پارتىيەلەر ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا ئېلان قىلدى. ئەردوغان، باياناتىدا، مىللى ئىرادە ۋە قانۇننىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان تاشقى سىياسەتنىڭ تىنچلىقنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «10 - ئاۋغۇست كۈنى مىللىتىمىز پەقەت جۇمھۇر رەئىسىنىلا سايلاپ چىقمايدۇ، يېڭى تۈركىيەنىڭ دەرۋازىلىرىنىمۇ كەڭ ئاچىدۇ. يېڭى تۈركىيە ھەممىنىڭ مەملىكىتىدۇر. يېڭى تۈركىيە ھەممىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان تۈركىيەدۇر.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر