چىچەك: خەلقئارا جەمئىيەت زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك، «خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قۇلىقىنى يۇپۇرۇۋېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېدى

126707
چىچەك: خەلقئارا جەمئىيەت زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك، «خەلقئارا جەمئىيەت ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قۇلىقىنى يۇپۇرۇۋېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
ئىسلام دۇنياسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قالايمىقان، ئەڭ بۇھرانلىق، ئەڭ دەرد - ئەلەملىك، ئەڭ ۋەيرانچىلىق، ۋىجدانلارنى ئەرەختەم - پەرەختەم قىلىۋېتىدىغان بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن چىچەك، «تۈركىيە بۇ ھادىسىلەرگە ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ، كارىمىز بولمىغان تەقدىردىمۇ رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر بىزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.
چىچەك، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىراقتا مەزلۇم ئىنسانلارنىڭ ھەم ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۆي – ماكانسىز قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن چىچەك، «بىرقانچە كۈندىن بۇيان پەلەستىن ۋەھشىيلىك ۋە ئىنسانىي تىراگېدىيەنى باشتىن كەچۈرمەكتە. باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھەممىنىڭ كۆز ئالدىدا چوڭ - كىچىك، قېرى - ياش ۋە ئەر - ئايال دېمەستىن ھەممىنىڭ جېنىغا زامېن بولماقتا» دېدى.
چىچەك، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسۇم پەلەستىنلىكلەرنى قەتلە قىلىشىنى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئەيىبلەپ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر