تۈركىيە، ئىسرائىليەنى ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەدىن غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

123031
تۈركىيە، ئىسرائىليەنى ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەدىن غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى؛ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىنغان ھالدا ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەۋسىيەلەرنى قىلىش تەلەپ قىلىندى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ مەزلۇم غەززە خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بۇنىڭ يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا ئىسرائىلىيەگە قارشى غەزەپنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتا كوللېكتىپ جازالاش ئۇسۇلى بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىنى دەرھال توختىتىشقا ۋە باشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بولۇپ خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ توختىتىلىشى يولىدا كېرەكلىك ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەۋسىيەلەرنى قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلدى.
باياناتتا، سەزگۈرلۈك بىلەن بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئازابلاردىن ئىبرەت ئېلىپ، مۆتىدىل ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىگىمۇ ئىشارەت قىلىندى ۋە يېڭى بىر زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى نۇقتىسىدىن بۇنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر