ئاساسىي قانۇن مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى سىتراسبۇرگدا ئۇچراشتى

ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى فىرانسىيەنىڭ سىتراسبۇرگ شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى

121711
ئاساسىي قانۇن مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى سىتراسبۇرگدا ئۇچراشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى فىرانسىيەنىڭ سىتراسبۇرگ شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
يىغىندا، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارشى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بارغانسېرى ئاكتىپ رول ئويناۋاتقانلىقى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
تۈركىيەگە ۋەكالىتەن يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھاشىم قىلىچ، تۈركىيەنىڭ كىشىلىك ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى ئىجرائاتى توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى.
قىلىچ، بۇ ھەقتە سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «تۈركىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى، كىشىلىك ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى خىزمىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن ئوخشىماسلىقلارنىڭ بىر يەردە ياشاشنىڭ كاپالىتى بولۇش نۇقتىسىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا» دېدى.
قىلىچ، ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ تۈركىيەدە شەخسلەرگە ئەركىنلىك ساھاسىنى كېڭەيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالىتى بولۇش مەسىلىسىدە كۈچلۈك ئىرادىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىدە 6 ئايدا بىر قېتىم سوت پۈتۈكچىلىك خىزمىتى ۋە كىشىلىك ئەرز سۇنۇشنى تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرى چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن قىلىچ، بۇ باسقۇچنى قوللاپ كېلىۋاتقان ياۋروپا كېڭىشىگە رەھمەت ئېيتتى.
قىلىچ، ياۋروپا كېڭىشى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يېڭى بىر لايىھە توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، لايىھە، سودىيەلەر، تەپتىش ئەمەلدارلىرى ۋە ئادۋۇكاتلارغا كىشىلىك ئەرز سۇنۇش ھوقۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىجتىھاتلىرى مەسىلىسىدە مەلۇمات بېرىلىشى مەقسەت قىلىنىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر