ئەردوغان تۇنجى يىغىلىشىنى ئۆتكۈزدى

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى.

119192
ئەردوغان تۇنجى يىغىلىشىنى ئۆتكۈزدى

ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ئۈچۈن يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى؛ باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىكىگە نامزات بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى يىغىلىشىنى تۈنۈگۈن سامسۇندا ئۆتكۈزدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان سامسۇندا خەلققە خىتاب قىلغاندا ئۆكتىچىلەرنى ئەيىبلىدى ۋە «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بىلەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى جۇمھۇرغا رەئىس ئەمەس، ھازىرقى ھالەتنىڭ قاراۋۇلىنى سايلاشنىڭ كويىدا» دېدى. ئەردوغان، سايلىنىپ قالغان تەقدىردە خەلققە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. باش مىنىستىر بارلىق سايلىغۇچىلارنى بېلەت تاشلاشقا چاقىردى. ئەردوغان يىغىلىشتىن كېيىن سامسۇنلۇقلار بىلەن ئىپتاردا ئۇچراشتى. باش مىنىستىر ئەردوغان، سامسۇننىڭ ئازادلىق كۆرۈشىدە رول ئوينىغىنىغا ئوخشاشلا سامسۇنلۇقلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس سايلاملىرىدىمۇ يەنە بىر تۇنجى قەدەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەردوغان ئىپتاردىن كېيىن ئوخشاش بولمىغان زىيارەتلەرنى قىلدى.
باش مىنىستىر ئەردوغان بۈگۈن ئەرزۇرۇمدا خەلققە خىتاب قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر