ئەردوغان گېنېرال خۇلۇسى بىلەن كۆرۈشتى
ئەردوغان ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان يېقىنقى ۋەقەلەر ھەققىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشتى.
دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىراقتا يۈز بېرىۋاتقان يېقىنقى ۋەقەلەر ھەققىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاكار ۋە دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىش قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال خۇلۇسى ئاكارنىڭ باش مىنىستىرلىك رەسمىي قورۇسىغا كىرىشى بىلەن باشلاندى.
باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن گېنېرال ئاكار ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىم ئۇچرىشىش تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشتى. ئاندىن ئەھمەت داۋۇتئوغلۇمۇ ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلى بىلەن قوشۇلۇپ ئۈچ كىشىلىك ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئىراقتا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر ۋە گۆرۈگە ئېلىۋىلىنغان كونسۇلخانا خادىملىرى ھەققىدىكى ئىلگىرىلەشلەر مۇزاكىرە قىلندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.