بايدىن ئەردوغانغا تېلېفون ئالدى
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تېلېفون سۆھبىتىدە ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى؛ باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە ئىراق قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرى ئالماشتۇرۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا باش مىنىستىر ئەردوغاننى رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن جو بايدىن، تۈرك يۈك ماشىنىسى شوپۇرلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە خۇشاللىنارلىق بىر ئەھۋال، دەپ باھا بەرگەن.
ئەردوغان بىلەن بايدىن ئىراق ۋە سۇرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن سۆھبەتتە، كېلەچەكتىمۇ قويۇق ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىرلىك ھاسىل قىلدى.
35 مىنۇتقا يېقىن داۋاملاشقان تېلېفون سۆھبىتى جو بايدىننىڭ ئەردوغانغا تېلېفون قىلىشى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشتى.