تۈركىيە، پەلەستىن توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ياشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق پەلەستىندە يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

114535
تۈركىيە، پەلەستىن توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان ئۈچ ئىسرائىلىيەلىك ياشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قاتارلىق پەلەستىندە يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللاردىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ۋە ئەپسۇسلىنىش ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئوتتۇرا شەرقتە سۈركىلىش ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىنتايىن سەزگۈر بىر پەيتتە بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئاچچىق قىسمەتلەردىن ئىبرەت ئېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
باياناتتا، بۇ قەبىھ ۋەقەنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېڭى توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق كۈچ چىقىرىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلىپ، پەلەستىندە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئورنىتىش ئۈچۈن بالدۇرراق تىنچلىق مۇساپىسىگە قايتىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى. باياناتتا يەنە، بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا چۈشۈرۈلۈشى ۋە ۋەقە بىلەن ئالاقىسى يوق پەلەستىنلىكلەرنىڭ بۇ ۋەقە سەۋەب قىلىنىپ كوللېكتىپ ھالەتتە جازالاندۇرۇلماسلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر