تۈركىيە لىۋىيەدىكى سايلاملاردىن مەمنۇن...

تۈركىيە، لىۋىيەدىكى ئاقساقاللار مەجلىسى سايلاملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

110481
تۈركىيە لىۋىيەدىكى سايلاملاردىن مەمنۇن...

تۈركىيە، لىۋىيەدىكى ئاقساقاللار مەجلىسى سايلاملىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سايلاملارنىڭ لىۋىيەنىڭ دېموكراتىيەگە ئۆتۈش مۇساپىسىنى تولۇقلاش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، ئاقساقاللار مەجلىسىنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى زېمىن ھازىرلاش ۋە لىۋىيە خەلقىنىڭ لايىق بولغان خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىشىگە ھەسسە قوشۇشىنىڭ ئارزۇ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، «تۈركىيە، مۇقىملىق، باياشاتلىق ۋە دېموكراتىيە كۈرىشىدە دوست ۋە قېرىنداش لىۋىيە خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر