3 – نۆۋەتلىك مۇرەسسەچەلىك كونفېرانسى ئېچىلدى
ئىستانبۇل، 3 – نۆۋەتلىك مۇرەسسەچەلىك كونفېرانسىغا ساھىبخانلىق قىلدى.
110355
ئىستانبۇل، خەلقئارا مەسلىلەرنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشۇشنى نشان قىلغان 3 – نۆۋەتلىك مۇرەسسەچەلىك كونفېرانسىغا ساھىبخانلىق قىلدى.
كونفېرانسقا جەمئىي 49 دۆلەت ئەزا بولغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنىڭ تىنچلىققا قوشىدىغان تۆھپىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىراقتىكى سىياسىي كىرىزىس ئۈستىدە توختىلىپ، «سۈننىيلەر چەتكە قېقىلماسلىقى لازىم» دېدى.
ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ئىراقتا ئىلگىرى سۈننىيلەرگە باراۋەر پۇرسەت بېرىلمىگەنلىكىنى، كۈرت ۋە شىئە رەھبەرلەر مەۋجۇت تۇرۇغلۇق، سۇنئىي بىر رەھبەرنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، سۈننىيلەرنىڭ چەتكە قېقىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىنىستىر فىدان ئىسپانىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە غەززە ئۈچۈن قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.