ئابدۇللاھ گۈل، ۋالتېر سىتايىنمايېر بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، ئىستانبۇلدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر سىتايىنمايېر بىلەن كۆرۈشتى.

102470
ئابدۇللاھ گۈل، ۋالتېر سىتايىنمايېر بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، ئىستانبۇلدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر سىتايىنمايېر بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشنىڭ نۇقتىلىق تېمىسى ئۆزئار مۇناسىۋەتلەر ۋە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇلۇق ئەزا بولۇش باسقۇچى بولدى.
ئابدۇللاھ گۈل، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر سىتايىنمايېرنىڭ زىيارىتىنى ھۇبەر سارىيىدا قوبۇل قىلدى.
ئۇچرىشىش ئاخباراتچىلارغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى ۋە 1 يېرىم سائەت داۋاملاشتى.
مېھمان مىنىستىر تۈركىيە – گېرمانىيە ئىستىراتېگىيەلىك دىيالوگ مېخانىزمى 2 – نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنسىترى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر