ئەردوغان پارېژدا ئولان بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارېژدا ئۇچرىشىشتا بولدى.

102463
ئەردوغان پارېژدا ئولان بىلەن كۆرۈشتى


دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارېژدا ئۇچرىشىشتا بولدى.
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسۇئا ئولان تۈنۈگۈن دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئەلىزە سارىيىدا كۈتۈۋالدى.
ئەردوغان بىلەن ئولاننىڭ ئۇچىشىشىدا تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش باسقۇچىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مۇزاكىرە ماددىلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا دائىر تىرىشچانلىقلارنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
باش مىنىستىرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەردوغان بۇ دائىرىدە 2014 – يىلىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن يېڭى بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى يىلى بولىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەردوغان بىلەن ئولان يادرو ئېنېرگىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئاشۇرۇلىشى ۋە سۈرئىتىنىڭ تېزلاشتۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىككى رەھبەر تېررولۇققا قارشى كۈرەش جەھەتتىمۇ خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، بۇ مەسىلىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ۋە ماسلىشىشچانلىقنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
ئىككى رەھبەر يەنە، ئىراق ۋە سۈرىيەدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن سىرت، قىرىم مەسلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئۇچرىشىشتا قاراباغ مەسلىىسنى ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا ئالاقىدار تىرىشچانلىقلارمۇ تىلغا ئېلىندى.
دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارىژدىكى زىيارىتىدىن كېيىن لىيوندا مۇھاجىرەتتىكى ۋەتەنداشلار بىلەن كۇرىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر