كەركۈكتە 44 ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىندى
كەركۈك تۈركمەنلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى گۆرۈگە ئېلىۋالغان 44 ئىشچىنى قۇتقۇزۇپ، ساقچى ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.
100866
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈكنىڭ جەنۇبىدا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى گۆرۈگە ئېلىۋالغان تۆت تۈرك ئىشچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 44 ئىشچى تۈركمەنلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا، قۇتقۇزۇۋېلىنغان 44 ئادەمنىڭ كەركۈك ساقچى ئىدارسىغا تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ئەرەبلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا ئىشلەيدىغان 44 ئىشچىنىڭ بىخەتەر رايونغا ئاپىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى، ئەمما تۈركىيەلىك ئىشچىلارنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىدى.
ئىراق مىقياسىدا تۈركىيە پۇقرالىرىغا ئائىت ئاپتوموبىل سانىدا ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.