تۈركىيە، ئىراققا دائىر ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكرارلىدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلغان كىرىزىس ئىشخانىسى، بۇ دۆلەتتىكى 15 ۋىلايەتتە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

100362
تۈركىيە، ئىراققا دائىر ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكرارلىدى

ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە بىخەتەرلىك كىرىزىسى بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا قۇرۇلغان كىرىزىس ئىشخانىسى، بۇ دۆلەتتىكى 15 ۋىلايەتتە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى؛ مۇسۇل، كەركۇك، سالاھۇددىن، ئەنبار، دىيالا، باغداد، بەسرە، بابىل، نەجەف، كەربالا، ۋاسىت، مەيسان، قادىسىيە، مۇسەننا ۋە دىكار ۋىلايەتلىرىدە ساياھەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىتەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ 20 مىڭ كىشىلىك ئىنسانىي ياردەم ئەشياسىنىڭ سىنجار رايونىغا قېچىپ كەلگەن تەلافەرلىك ئىرقداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى ئىراق تۈركمەنلىرىگە 10 كىشىلىك يېمەك – ئىچمەك، سالامەتلىك ۋە يېتىپ – قوپۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى يوللاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر