تۈركىيە: ئىراقتىكى ۋەقەلەر مەزھەپ توقۇنۇشىغا قاراپ يۈزلەنمەكتە

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقتىكى ۋەقەلەرنىڭ مەزھەپ توقۇنۇشىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

96169
تۈركىيە: ئىراقتىكى ۋەقەلەر مەزھەپ توقۇنۇشىغا قاراپ يۈزلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە بايانات ئېلان قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقى، شۇڭلاشقا قوشنا دۆلەتلەرگە كېڭىيىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «ئىراق تولۇق مەنىدە كىرىزىس ئىچىدە تۇرماقتا. ئىراقنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا بولۇپمۇ، شىئەلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن شىمالغا ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ۋە نۇرغۇن پىدائىيلارنىڭ ئارمىيە سېپىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالماقتا» دېيىلدى.
«ئىراقنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بىخەتەرلىك ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقى ۋە ۋەقەلەرنىڭ مەزھەپ توقۇنۇشىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، تۈرك پۇقرالىرىنىڭ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنىش بىلەن بىرگە، توقۇنۇشلار بولۇۋاتقان جايلارغا بارماسلىققا چاقىرىلدى.
ئىراقتىن ئايرىلماقچى بولغان پۇقرالار ئۈچۈن تۈرك ھاۋا (ئاۋىئاتسىيە)يوللىرى شىركىتىنىڭ باغداد، باسرا، نەجەف، سۇلايمانىيە ۋە ئەربىل ئايرودۇرۇملىرىدىن ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بارلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن باياناتتا، ئىراقتا گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە پۇقرالارنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ساق-سالامەت تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئىپادە قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر