ئەردوغان بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

94673
 ئەردوغان بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
ئۇچرىشىشتا، مۇسۇلدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەھۋالى مۇزاكىرە قىلىندى.
باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بايدىن رىزەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېفون قىلغان.
يېرىم سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، ئەردوغان بىلەن بايدىن، ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە بۇ دۆلەتتە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.
ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە ۋەتەنداشلىرىنىڭ ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىماستىن تۈركىيەگە قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر بىلەن قىبرىس مەسىلىسىمۇ ئۇچرىشىشنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى بولغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر