ئەردوغان مېركېل بىلەن كۆرۈشتى
ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مۇھىم دىپلوماتىك خىزمەتلەر ئىشلەندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانگېلا مېركېل بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، مۇسۇل ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر ھالدا قايتىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەنگەن خىزمەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئىككى رەھبەر خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئانگېلا مېركېل ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش توغرىسىدا پىكىر ھاسىل قىلدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2014 – يىلى 24 – ماي كۆلىندىكى زىيارىتى جەريانىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ كۆرسەتكەن مېھماندوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى سەۋەبىدىن مېركېلىغا تەشەككۈر ئېيتتى.
بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى مۇھاكىمە قىلىنغاندىن باشقا، تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گېرمانىيەدىكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرۇۋاتقان جايلىرىدا ئاۋاز بېرەلىشى ئۈچۈن زال تەسىس قىلىش ئىشلىرىنى تېزلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.