بىريۇسسىلنىڭ كېلەچىگە 4 نەپەر تېگى تۈركىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان بولدى

25 – مايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا بىريۇسسېل رايونلۇق پارلامېنتىدىن ئورۇن ئالغان تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى تۈنۈگۈن پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى باشلىدى.

91499
بىريۇسسىلنىڭ كېلەچىگە 4 نەپەر تېگى تۈركىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى بىريۇسسىلنىڭ كېلەچىگە 4 نەپەر تېگى تۈركىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان بولدى.
25 – مايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا بىريۇسسېل رايونلۇق پارلامېنتىدىن ئورۇن ئالغان تۈرك پارلامېنت ئەزالىرى تۈنۈگۈن پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى باشلىدى.
2009 – يىلى ئەڭ ياش ۋە تۈنجى باش ياغلىقى چەككەن پارلامېنت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇريۇسسىل پارلامېنتىدىن ئورۇن ئالغان ماھىنۇر ئۆزدەمىر، 2 – قېتىمدىمۇ سايلامدا ئۇتۇققا ئېرىشىپ ئىپتىخارلانغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن خوشال بولغانلىقىنى ئېيتتى.
تېگى تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىدىن شەۋكەت تېمىز، ھەسەن قويۇنجۇ ۋە ئەمىن ئۆزكارا بولسا، تۈرك خەلقىنىڭ ئۆزلىرىگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتلەرنى ياخشى تونىغان ھالدا خەلقنىڭ قىيىنچلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پىلامان ۋە ۋالون پارلامېنتلىرى بىلەن بىرگە فېدېرال قۇرۇلمىغا ئىگە بېلگىيەدىكى 3 رايونلۇق پارلامېنتنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىغان بىريۇسسېل پارلامېنتىدا جەمئىي 89 پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر