داۋۇتئوغلۇ نۇجەيفى بىلەن كۆرۈشتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىراق پارلامېنت باشلىقى ئۇسامە ئەننۇجەيفى ۋە ئىراق ئىسلام پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئاياد سامارراي بىلەن كۆرۈشتى

81273
داۋۇتئوغلۇ نۇجەيفى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، ئىراق پارلامېنت باشلىقى ئۇسامە ئەننۇجەيفى ۋە ئىراق ئىسلام پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ئاياد سامارراي بىلەن كۆرۈشتى.
دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ۋە 2 سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، ئىراقنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇش پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
داۋۇتئوغلۇ، ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ مۇقىملىق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نۇجەيفى، زىيارىتى دائىرىسىدە باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر