ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى
خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە كېتىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى شېھىت بولۇپ كەتكەن ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە، شۇ ۋاقىتتىكى ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 جاۋابكار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە كېتىۋاتقاندا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى شېھىت بولۇپ كەتكەن ماۋى مارمارا ۋەقەسىدە، شۇ ۋاقىتتىكى ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 جاۋابكار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
سوت مەھكىمىسى يەنە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس سۇنۇلىشىنىمۇ تەلەپ قىلدى.
ئۆز ۋاقتىدىكى ئىسرائىلىيە باش ئىشتاب باشلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 قوماندان تەشۋىق قىلغۇچى سۈپىتىدە سوتلىنىۋاتقان 6 - قېتىملىق سوت تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
سوتقا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ئادۋۇكاتلاردىن سىرت يەنە، ۋەقە جەريانىدا پاراخوتتا بار بولغان خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بۈلەنت يىلدىرىم بىلەن ژۇرنالىست ھاقان ئالبايراقمۇ ئىشتىراك قىلدى.
چاغلاياندىكى ئىستانبۇل 7 - جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدىكى سوتتا، پاراخوتتىكى شاھىتلار گۇۋاھلىق بەردى.
زىيانغا ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ئادۋۇكاتلار ئىلگىرى پاراخوتتىكىلەرگە سىستېمىلىق تەن جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن، جاۋابكارلار ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.