سومادىكى كان پاجىئەسى تەپسىلاتى ئوتتۇرىغا چىقتى

سومادىكى كان پاجىئەسىدە 8 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان دوكلات، دىققەت قوزغايدىغان تەپسىلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

71754
سومادىكى كان پاجىئەسى تەپسىلاتى ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومادىكى كان پاجىئەسىدە 8 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان دوكلات، دىققەت قوزغايدىغان تەپسىلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
2 نەپەر جۇمھۇرىيەت تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن 4 مۇتەخەسسىستىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتنىڭ سوما كۆمۈر كېنىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ھازىرلانغان ئالدىنقى دوكلاتتا، ئوت ئاپىتىنىڭ ترانسفورماتور مەنبەلىك ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى.
كاندىكى كاربون چالا ئوكسىدلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ خەۋپلىك چەكلىمىسىدىن 10 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، «يۇقىرى سەۋىيەدىكى كاربون چالا ئوكسىدلىق گاز، كۆمۈرنىڭ ئۆزلۈكىدىنلا ئوت ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشارىتى» دېيىلدى.
دوكلاتتا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تېخنىك نارازەتچىلەرنىڭ، ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئۆلچەم نەتىجىسىنى «تەستىقتىن ئۆتكەن تېخنىكىلىق نازارەتچىلەر دەپتەرلىرى» گە يېزىپ قويۇش مەجبۇرىيىتى بولۇشىغا قارىماي، ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «تەخمىنىمىزگە كۆرە، ۋەقەدە تېخنىك نازارەتچى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ساھە ساھىبى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى باش ئېنژىنېرى، شىركەتنىڭ باشلىقى ۋە دىجورنى مەسئۇللىرى قاتارلىقلار قۇسۇرلۇق دەپ قاراۋاتىمىز.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر