كۆپلىگەن مىنىستىرلارمۇ سومادا زىيارەتتە بولدى
سوما پاجىئەسىدىن كېيىن كۆپلىگەن مىنىستىرلار سومادا زىيارەتتە بولدى
سوما پاجىئەسىدىن كېيىن كۆپلىگەن مىنىستىرلار سومادا زىيارەتتە بولدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن تارتىپلا رايوندا خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقان ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى تانەر يىلدىز ئۆزگىرىشلەرنى دەل ۋاقتىدا كۆزەتتى.
يىلدىز، ئىزدەش قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىدىن كېيىن ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سەھىيە مىنىستىرى مەھمەت مۇئەززىنئوغلۇمۇ رايونغا يېتىپ بېرىپ، دوختۇرخانىلاردىكى يارىدارلارنى يوقلىدى.
ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى ئايشەنۇر ئىسلام بولسا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان ئىشچىلارنىڭ ئائىلىرىنى زىيارەت قىلدى. ئىسلام، ئىجتىمائىي ياردەملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بېرىپ، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەمدە ئىشچىلارنىڭ ئائىلىرىدىن ھال سورىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.