داۋۇتئوغلۇ سارايبوسنادا زىيارەتتە بولدى
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بوسنا ھەرسەكنىڭ پايتەختى سارايبوسنادا زىيارەتتە بولدى
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ بوسنا ھەرسەكنىڭ پايتەختى سارايبوسنادا زىيارەتتە بولدى.
سومادىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن داۋۇتئوغلۇ، «پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى سەپەرۋەرلىك ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.
داۋۇتئوغلۇ، بالقان رايونىنىڭ داۋوسى دەپ ئاتالغان سارايبوسنا سودا - ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقلىرى ھارپىسىدا سومادىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىشچىلار ئۈچۈن ھۆرمەتتە تۇرۇلدى ۋە دۇئا قىلىندى.
يىغىننىڭ ئېچىلىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن داۋۇتئوغلۇ، ۋەقە تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
داۋۇتئوغلۇ، قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد، بوسنا ھەرسەك ئۈچ تەرەپ دۆلەت رىياسىتى كېڭىشىنىڭ باشلىقى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ بىلەن كۆرۈشتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.