ئىككىنچى ئەرەب باھارى دولقۇنى باشلىنىش ئالدىدىمۇ؟ | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئىككىنچى ئەرەب باھارى دولقۇنى باشلىنىش ئالدىدىمۇ؟» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

606252
ئىككىنچى ئەرەب باھارى دولقۇنى باشلىنىش ئالدىدىمۇ؟ | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 28 – ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى ماراكەشنىڭ ھۇسەيمە شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ھادىسە، ئارقىدىنلا دۆلەتنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشلار، ئەقلىمىزگە 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇنىستا، ئارقىدىنلا ئەرەب دۇنياسىدا باش كۆتۈرگەن ئىشلارنى خاتىرىلەتتى.

2010 – يىلى دېكابىردا تۇنىسنىڭ سىدى بۇزىد شەھىرىدە ساقچىلار سەييارە مال ساتقۇچى مۇھەممەد بۇئەزىزنىڭ ھارۋىسىنى مۇسادىرە قىلغان، ئۇمۇ يەتمىگەندەك مۇھەممەدكە ناچار مۇئامىلە قىلغان، ئاچچىقىغا پايلىمىغان مۇھەممەد ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغانىدى. بۇ ئىشتىن كېيىن، تۇنىستا باشلىنىپ كەتكەن ۋەقەلەر بىر قاتار ئەرەب ئەللىرىگە يامرىغان؛ خەلق، «نان، ئادالەت، ئەركىنلىك» ۋە «بۇ تۈزۈم يىمىرىلىشى كېرەك» دېگەندەك شوئارلار بىلەن نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، مەۋجۇت دىكتاتور تۈزۈملەرگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى. دۇنيا جامائەتچىلىكى ئارىسىدا «ئەرەب باھارى» دەپ ئاتالغان بۇ ھادىسە، بەزى دۆلەتلەردە ھاكىمىيەت ئالمىشىشىغا سەۋەب بولغانىدى.

ماراكەشتە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر، «ئىككىنچى ئەرەب باھارى دولقۇنى باشلىنامدۇ- نېمە؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى. 28 – ئۆكتەبىردە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بېلىقچى مۇھسىن فىكرىنىڭ بېلىقلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئەخلەت يۆتكەش ماشىنىسىغا ئاتتى. مۇھسىن فىكرى ئەخلەت يۆتكەش ماشىنىسىدىن بېلىقلىرىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسنادا ماشىنىنىڭ ئېزىش قاپقىقىنىڭ ئارىسىدا قېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. مۇھسىن فىكرىنىڭ قىسىلىپ قالغان جەسىتىنىڭ فوتو – سۈرىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چۈشكەندىن كېيىن، ماراكەش مىقياسىدا مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. راباتتىكى ماراكەش پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش ئەسناسىدا خەلق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.

ماراكەشلىك بېلىقچى مۇھسىن فىكرى بىلەن تۇنىسلىق سەييارە مال ساتقۇچى مۇھەممەد بۇئەزىز ۋەقەسىدە ناھايىتى مۇھىم ئوخشاشلىقلار مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ چەتكە قېقىلغان نامرات رايونلىرىنىڭ ئاھالىلىرىدىن بولۇپ، يەنە ھەر ئىككىسى دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ناچار مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ خەلق ئىچىدە مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈملەر چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتكەن ئادالەتسىزلىك، چېرىكلىك ۋە تەڭسىزلىكنىڭ مەھسۇلى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

مانا مۇشۇنداق ئوخشاشلىقلارغا قارىماي، ماراكەشتىكى نامايىشلارنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە مەيلى رايوندا مەيلى ماراكەش مىقياسىدا بولسۇن، 2010، 2011 – يىللىرىدىكىگە ئوخشاش ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىنى كۈتۈش توغرا ئەمەس.

ئالدى بىلەن، ئالتە يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەرەب سىياسىي شارائىتىدا  گەۋدىلىك ئوخشىماسلىقلار بار. تۇنىس سىرتىدا ئەرەب ئىسيانلىرىنىڭ ئاچچىق ئاقىۋەتلەر بىلەن تۈگەللەنگەن بولۇشى، ئالاھىدە دىققەت قىلىش زۆرۈر ئامىللارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئەرەب باھارى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە كوللېكتىپ تەلەپ نادامەت بىلەن ئاخىرلاشتى. يەمەن، لىۋىيە ۋە سۇرىيە نۆۋەتتە قانلىق ئىچكى ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مىسىردا بولسا، ئۆتمۈشتىكى بارلىق ئەزگۈچى تۈزۈملەرنى سېغىندۈرغۇدەك ھالغا كەلگەن بىر ھەربىي تۈزۈم ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا، ھەممىدىن ئاۋۋال تۇنىس خەلقى بۇ ئاچچىق قىسمەتلەرگە قاراپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتلەرگە قېلىشنى خالىمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە نۆۋەتتە رايوندىكى ھاكىمىيەتلەر، ھەر تۈرلۈك سىياسىي قارشىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەتتا ئۇلارنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاشقۇن چارىلەرنى يولغا قويماقتا. مەزكۇر تۈزۈملەر خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈشنى جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويىدىغان، مېدىياغا چەكلىمە قويىدىغان، ئىنتېرنېتنى سۈزىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىنى يوقىتىدىغان ھەر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلماقتا. بۇ تەدبىر – سىياسەتلەر قىسقا مەزگىل ئىچىدە رايوندا باش كۆتۈرىدىغان ئىككىنچى بىر ئەرەب باھارىنى باستۇرالىغۇدەك پائاللىققا ئىگە.

يەنە، مەسىلىگە ماراكەش نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا، ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل نامايىشلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتە يېتەرلىك تەجرىبىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. 2010، 2011- يىللىرىدىكى ئەرەب ئىسيانلىرى جەريانىدا يولغا قويغان تەدبىرلىرى بىلەن ماراكەش ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ بەرگەنىدى. ئۇ مەزگىلدە 50 دىن ئارتۇق بازار ۋە شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنى ھاكىمىيەت خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە قىسمەن ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇش ئارقىلىق بېسىقتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماراكەشتە دۆلەت بۇرۇندىن تارتىپلا نامايىشلارغا نىسبەتەن باشقا شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش گۇمان بىلەن قارىمايدىغان ۋە ئۇلارنى بېسىمنى پەسەيتىش مېخانىزمى ، دەپ قارايدىغان پوزىتسىيەدە بولۇپ كەلدى.

ماراكەش ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى نامايىش جەريانىدىمۇ ئەنئەنىگە ئايلانغان پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ قالدى. نامايىشچىلارغا كىچىككىنە بولسىمۇ مۇداخىلە قىلمىغاندىن سىرت، نامايىشلارنىڭ كونترولدىن چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشتىن يىراق تۇردى. پادىشاھ ۋەقە ئۈستىدە دەرھال تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ بۇيرۇق چۈشۈردى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى پادىشاھقا ۋاكالىتەن تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن فىكرىنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ نامايىشچىلار بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.

پادىشاھ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا دۆلەت – خەلق ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆزىنى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى غەلىبىلىك ئورۇندىدى. بۇنىڭدا ئەلۋەتتە پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ خەلقنىڭ نەزىرىدىكى قانۇنىيلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭمۇ مۇھىم تۆھپىسى بار. پادىشاھ يەنە ئۆزى مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان خوجايىنلىق تۈزۈمى سايىسىدا شەكىللەندۈرگەن ئىتتىپاقلار ئارقىلىق ناھايىتى كەڭ ۋە سادىق خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ھېلىھەم ساقلاپ كەلمەكتە.

گەرچە ماراكەشتىكى ئەڭ يېڭى نامايىشلارنىڭ ئىككىنچى بىر ئەرەب باھارى دولقۇنىنى قوزغىتىش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، يەنىلا ئەستايىدىل قاراش لازىم. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، 2011- يىلى خەلقنىڭ كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىشىگە سەۋەب بولغان ئەرز – شىكايەتلەر ھېلىھەم ھەل بولۇپ كەتكىنى يوق. ھاكىمىيەت بۇرۇنقى ئاجىزلىقلىرىنى ھازىرمۇ داۋاملاشتۇرماقتا. 2011- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنغا چەكلىك دائىرىدە كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمنىڭ خاراكتېرى ۋە تەبىئىتىنى گەۋدىلىك ھالەتتە ئۆزگەرتمىدى. شۇڭا خەلق ھازىرمۇ ساقلىنىۋاتقان چوڭقۇر سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن ئېلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇنداق ئەھۋالدا، ھاكىمىيەتنىڭ ھەر قېتىم نامايىشقا دۇچ كەلگەندە ۋاقىتلىق چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى چوڭقۇر يارىنى ئۈستى – ئۈستىلەپ تېڭىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان چېرىكلىك، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چېكىنىش دېگەندەك تۈپ مەسىلىلەر بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مەغلۇبىيەت داۋاملىشىۋەرگەن تەقدىردە، كېلەچەكتە بېسىمنى يەڭگىللەتكۈچى چارە – تەدبىرلەر كۇپايە قىلمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر