ئېغىر خەۋپ گىرۋىكىدىكى يەمەن

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئېغىر خەۋپ گىرۋىكىدىكى يەمەن» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

566356
ئېغىر خەۋپ گىرۋىكىدىكى يەمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رامىزان ئېيىنى مىڭبىر مۇشەققەتتە ئۆتكۈزگەن يەمەن، قۇربان ھېيتى يېقىنلىشىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بىر پاجىئەگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. نۆۋەتتە، يەمەندە خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئېغىر مۇشكۇلاتلارغا دۇچار قىلىۋاتقان بىر ئىچكى ئۇرۇش داۋاملاشماقتا. بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاكتىپ تەرەپدارلىرىنىڭ ھەممىسى مەزكۇر مۇشكۇلاتلارنىڭ جاۋابكارلىرىدۇر.

دۆلەتنىڭ شىمالىي ۋە مەركىزىي رايونلىرىدا شۇنداقلا پايتەخت سانئادا ئىسيانچى ھۇسىيلار بىلەن ئىتتىپاقدېشى سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا. ھۇسىيلارنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى تەئىز شەھىرىدە ئاۋغۇست ئېيى ئېتىبارى بىلەن 90 مىڭ ھامىلدار ئايال بار. لېكىن، بۇلارنىڭ 4500 ى كۈچلۈك خەۋپ ئاستىدىكى ھامىلدارلار تۈرىگە كېرىدۇ. يەمەننىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھرى تەئىزدە ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن 20 دانە دوختۇرخانا بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىمكانىيەت دائىرىسى تولىمۇ چەكلىك بولغان بىر قانچىلا دوختۇرخانا قالدى.

ئۇنىڭدىن سىرت 2000 – يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ يەمەندە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەلقائىدە نۆۋەتتە تېخىمۇ كۈچەيدى؛ ھۇسىيلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەبىئىي دۈشمىنى، دەپ قارايدىغان ئەلقائىدەمۇ مەۋجۇت توقۇنۇشلارغا ئىشتىراك قىلدى. بۇ ئەھۋال، 18 ئاي ئىلگىرى ھۇسىيلار تەرىپىدىن سانئادىن يىراقلاشتۇرۇلغان، خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغان ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ئىچكى ۋە تاشقى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىمىدى. بۇ ئىش، ئەلقائىدەنىڭ بىۋاسىتە ھالدا بەزى ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈشىگە سەۋەب بولدى. يېقىنقى چاغلارغا كەلگەندە، ھۇسىيلارغا قارشى فىرونتنىڭ بۇ ئەھۋالنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يېتىپ، ئەلقائىدەگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز.

دائېش يەمەندىكى قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىۋاتقان ئىككىنچى بىر قۇرۇلما ھېسابلىنىدۇ. 28 – ئاۋغۇستتا تەشكىلاتنىڭ دۆلەتنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ ۋاقىتلىق مەركىزى ئەدەندە مەيدانغا كەلگەن سۇيىقەست ھۇجۇملىرىدا 71 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئاخىرقى ھۇجۇمدىن ئىلگىرىمۇ تەشكىلات بۇنىڭغا ئوخشاش ھۇجۇملارنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

30 – ئاۋغۇست كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەر ياردەملەر كوئوردىناتورى جامىې ماكگولدرىك، يەمەندە 18 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش نەتىجىسىدە كەم دېگەندىمۇ 10 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەسلىدە بۇ ناھايىتى كونسېرۋاتىپ بىر مۆلچەر؛ چۈنكى بۇ، تىزىمغا ئېلىنغانلارنىلا كۆرسىتىدۇ. كۆپلىگەن كۈزەتكۈچىلەر، پەقەت ئۆلۈپ كەتكەن پۇقرالار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

ماكگولدرىكنىڭ باياناتلىرىغا قارىغاندا، ئۈچ مىليون يەمەنلىك ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، بۇلاردىن 200 مىڭ كىشى دۆلەت سىرتىغا چىقىپ كەتتى. يەنە كېلىپ، 26 مىليون نوپۇسنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئاشلىق ياردىمىگە موھتاج ھالغا چۈشۈپ قالدى، 7 مىليون ئادەم ساغلام بولمىغان ئاشلىق، يىمەك – ئىچمەك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ئەمما، ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى ئورگانلارنىڭ باياناتلىرى، نوپۇسنىڭ %80 ىتىنىڭ ئاشلىق، يىمەك – ئىچمەك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى، 15 مىليون كىشىنىڭ ساغلام بولمىغان يىمەك – ئىچمەك خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتمەكتە.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يەمەن ۋەزىيىتى مىليونلارچە كىشى ئاچلىق ۋە ئاچارچىلىق پالاكىتىگە دۇچار بولغۇدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. نۆۋەتتە 320 مىڭدىن ئارتۇق نارەسىدە ئېغىر دەرىجىدە ئۇزۇقلىنىش يېتەرسىزلىكى مەسىلىسىنىڭ دەردىنى تارتماقتا. قولدا كەسكىن سانلىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، كۆپلىگەن مەنبەلەر يېڭى توغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇرۇش تۈپەيلى ۋەيران بولغان سەھىيە سىستېمىسى ۋە ئۇزۇقلىنىش يېتەرسىزلىكى تۈپەيلى ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىن كېلەچەكتە يەمەندە ئاشلىق، سۇ ۋە دورا يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن كوللېكتىپ ئۆلۈملەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغانلىقى نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن تەخمىن قىلىنماقتا.

يەمەندە ئاچلىق مەسىلىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى يېڭى ئىش ئەمەس. يەمەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىنسانىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى تىزىملىكىنىڭ ئەڭ تۆۋىنىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئەمما، يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان باشقۇرۇشنىڭ ناچارلىقى بىلەن بىرگە 2011- يىلىدىن كېيىن باش كۆتۈرگەن ۋەقەلەر نۆۋەتتە مەسىلىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. 2011 – 2014 – يىللار ئارىسىدىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقتىن كېيىن باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. توقۇنۇش تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان يېقىلغۇ يېتەرسىزلىكى ۋە ئىمپورتنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى، ئاساسىي ئىستېمال ئەشيالىرىنىڭ %90 ىنى چەت دۆلەتلەردىن تەمىن ئېتىدىغان  يەمەندە ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلە سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقماقتا.

ئەمما بۇ يەردە، باش كۆتۈرۈۋاتقان ئاچلىق ۋە ئاچارچىلىق مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ ئامىلنىڭ ئاشلىقتىن بىر قورال ياكى ئۇرۇش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. نۆۋەتتىكى توقۇنۇشقا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، توقۇنۇشنىڭ تەرەپلىرىنىڭ باش كۆتۈرگەن مەسىلىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى ۋە ھەسسىسىنىڭ بارلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.

ھادى ھۆكۈمىتىنى قوللاۋاتقان رايون خاراكتېرلىك بىرلەشمە كۈچلەر يەمەننىڭ پۈتكۈل ئاساسىي پورتلىرىنى مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇتماقتا. مۇھاسىرە يۈزىسىدىن يېقىلغۇ، يىمەك – ئىچمەك ۋە دورا دېگەندەك ماددىلار يەمەن خەلقىگە ۋاقتىدا ۋە مۇنتىزم شەكىلدە تەگمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بازاردا بىر مەھسۇلات بار بولغان تەقدىردىمۇ، نوپۇسنىڭ كۆپ سانلىقى ئۇرۇش يۈزىسىدىن باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن ئۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشىماقتا. 2010 – يىللىق ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلار يەمەن خەلقىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ يوقسۇللۇق سىزىقىنىڭ ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغانىدى. نۆۋەتتە نوپۇسنىڭ %80 ىنىڭ يوقسۇللۇق سىزىقىنىڭ ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە. مۇھاسىرىدىن باشقا، ھادى ھۆكۈمىتى تەرەپدارى كۈچلەرنىڭ خەلقئارا ياردەم ئورگانلىرىنىڭ ھۇسىي ھاكىمىيىتى تەۋەلىكىدىكى رايونلارغا ئىنسانپەرۋەر ياردەم يەتكۈزۈپ بېرىشىگە يول قويمايۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئۇلار رۇخسەت قىلغان تەقدىردىمۇ، ياردەمنى يەتكۈزۈپ بېرىشتە پايدىلىنىدىغان يوللاردىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ %90 گە يېقىنى ۋەيرانە ھالەتتە بولۇپ، مەقسەت يەنىلا ھاسىل بولمايدۇ.

ھۇسىي – سالىھ ئىتتىپاقىنىڭمۇ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردە تۆھپىسى بار. شەھەردىن چىقىرىۋېلىتىشتىن ئىلگىرى ئەدەندە ۋە نۆۋەتتە مۇھاسىرە ئاستىدا تۇرۇاتقان تەئىزدە مۇھاسىرە تۈپەيلى خەلقنىڭ يېقىلغۇ، سۇ ۋە يىمەك – ئىچمەككە ئېرىشىشى ئاساسەن دېگۈدەك ئىمكانسىز ھالەتتە تۇرماقتا.

ئەگەر توقۇنۇشلار ۋاقتىدا توختاپ، دەرھال يەمەنلىكلەرنىڭ ئادەتتىكى يىمەك – ئىچمەك ۋە سەھىيە ئېھتىياجى قامدالمىسا، 21 – ئەسىرنىڭ تۇنجى ئەڭ چوڭ ئاچلىق ۋە ئاچارچىلىقنى مەنبە قىلغان پالاكىتىگە گۇۋاھ بولۇشىمىز ئۈچۈن دېگەندەك ئۇزۇن ۋاقىت قالمىدى. شۇ ۋەجىدىندۇركى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىدە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەردىن بىرى يېنىدا، يەنە بىرى ئۇنىڭغا قارشى سەپتىن ئورۇن ئېلىشتەك ھالەتتىن ھالقىپ پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك. تەرەپلەرنىڭ كېچىكتۈرمەستىن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، مۇئەييەن ئورتاق پايدىلاردا بىرلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرتتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر