22.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2142662
22.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «‹ساباھ› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، رۇمىنىيە باش مىنىستىرى سىئولاكۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى يازدى:

«ھەممىگە ئايانكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. گەرچە ھەقىقەت شۇنداق بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت ئىسرائىلىيەنىڭ قەتلىئاملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىچە تەدبىر قوللانمىدى. نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ خۇدىنى يوقاتقان ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش بەدىلىگە داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.»

«‹ساباھ› گېزىتى»، «سەلچۇق بايراقتار: <تۈركىيە دۇنياغا ئۈلگە ياراتتى> دېدى» سەرلەۋھىلىك تۆۋەندىكى خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ئىران دائىرىلىرى ئولتۇرغان تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، دەرھال قازا يۈز بەرگەن رايون ھەم مەزكۇر تىك ئۇچارنىڭ قالدۇقلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان «ئاقىنجى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، بايقار گۇيرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مەسئۇلى سەلچۇق بايراقتار،  تۈركىيەنىڭ ھەم مەدەنىيەت قىممىتى ۋە تېخنولوگىيە تەرەققىياتى جەھەتتە دۇنياغا ئۈلگە ياراتقانلىقىنى ئېتيقانلىقىنى يازدى.

«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق ساياھەتچىلىك ۋە ساياھەت تەرەققىياتى كۆرسەتكۈچىدە،  تۈركىيەنىڭ 8 بالداق يۇقىرى ئۆرلەپ، 119 دۆلەت ئىچىدە 29-رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ 6-مايدىن 12-مايغىچە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1430 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولۇپ قالغانلىقىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالپەر گەزەرئاۋىچىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

 «پەقەت بىرقانچە ئاي ئىچىدىلا ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ  بىر راكېتا ئىشلەپچىقىرىش ۋە بۇ راكېتانى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان ئىتتىرىش سىستېمىسى ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە ئاي شارىغا چىقىشنى پىلانلاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر