14.05.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

2139237
14.05.2024

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:«‹ھۆررىيەت› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىسنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەردوغاننىڭ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى يازدى:

«ئۇچرىشىشىمىز ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىمىز.»

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىس مۇنداق دېدى:

«گىرېتسىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى قوللىماقتا.»

«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاماسنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دېگەن گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىسقا مۇنداق جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى  ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

«ھاماس تېرتورلۇق تەشكىلاتى ئەمەس، ئەكسىچە ئۆز زېمىنىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان تىركىشىش تەشكىلاتىدۇر. دەرۋەقە، ھاماسنىڭ مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى تۈركىيەدە داۋالىنىۋاتىدۇ.»

«‹سىتار› گېزىتى»، تۇنىس ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن تونۇلغان تۇنىسلىق تارىخچى پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلجەلىل تەمىمىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى  جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزگىچە بىر رەھبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى:

«ئەردوغان تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىپتىخارى. ئەگەر كىشىلەر ئەردوغاننىڭ پىكىرلىرى ۋە نەزەرىيەلىرىنىڭ قىممىتىنى بىلسە، تولىمۇ ھاڭ – تاڭ قالاتتى.»

«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىروگراممىسىغا بولغان ئىشەنچ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى:

تۈركىيەنىڭ ھەم ئىقتىسادىي پىروگراممىسىغا بولغان ئىشەنچ ھەم تاشقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئېرىشىشچانلىقى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.

تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك تۈركىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ئېشىشىشىغا ئەگىشىپ چەت ئەل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى ئېرىشىشچانلىقىنىڭمۇ ئىزچىل ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

«‹ساباھ› گېزىتى»، تۈرك تائاملىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ لەززەتلىك تائاملارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،  دۇنيادىكى مەززىلىك تائاملارنى رەتكە تىزىدىغان تور ساياھەت يېتەكچىسى گۇرۇھى  (Taste Atlas) راي سىناش نەتىجىسىدە «ئەڭ ياخشى ساندۋىچ تىزىملىكى» نى ئېلان قىلغان. تۈرك لەززەتلىرىدىن يەنە بىرى بولغان «تومبىك دۆنەر»  بۇ تىزىملىكنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. شۇنداقلا، تۈركىيەدىن باشقا لەززەتلەرمۇ بۇ تىزىملىكنىڭ ئالدىنقى 20 قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر