12.03.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2113987
12.03.2024

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رامىزاننىڭ بىرىنچى ئىپتارىدا شېھىت يېقىنلىرى ۋە غازىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى، پ ك ك ۋە فەتۇللاھچىلار قاتارلىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنىڭ مىللىي گۈللىنىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەنى ھەقىقىي مەنىدىن مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇردۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ۋەتەن گېزىتى»، «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق يازدا ئاخىرلىشىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر بۇ يىل يازدا ئىراق چېگراسىنى بىخەتەر ھالغا كەلتۈرىدىغان چەمبىرەكنى تاماملاپ، تېررورلۇق مەسىلىسىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  ياشار گۈلەر: «چېگرىمىز بويىچە 30-40 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر بىخەتەرلىك كارىدورى قۇرۇشتا قەتئىي قارارغا ئىگىمىز» دېدى.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، «تۈركىيەدە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلمازنىڭ ئىشسىزلىققا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك پروگرامما مۆلچەرىدىن ياخشى نەتىجىنى نامايان قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىمىز %49 بىلەن بۈگۈنگە قەدەر كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاخرەتتىن ئالتۇننىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن مۇھىم ۋەزىپىگە ئايلاندۇردۇق» دېگەنلىكىنى ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ ئەكسىچە ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى  ۋە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت نىڭ غەززەدىكى ھەقىقەتلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى ساغلام» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىلەندۈرۈش ئورگىنى فىتچ <Fitch> نىڭ تۈركىيەنىڭ كرېدىت دەرىجە نۇمۇرىنى ۋە كۆرسەتكۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيەنىڭ كرېدىت دەرىجە نۇمۇرى ۋە كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ساغلام ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر