30.01.2024

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

2094920
30.01.2024

«يېڭى شەپەق گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى مېتروسى كاغىتخانە-غەيرەتتەپە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «مېترو لىنىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈش لايىھەسىدىن تارتىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىچە بولغان پۈتۈن جەريانلارنى ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك ئىنژېنېرلىرىمىز ۋە لايىھەلىگۈچىلىرىمىز بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. بىز ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەر بىر لايىھەدە يەرلىك ۋە مىللىي لايىھەلەرنىڭ ئۈلۈشىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ستار گېزىتى»، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان پاجىئەلەر تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ: «مىڭلىغان ئىنساننى ئوق ۋە بومباردىمان بىلەن يوقىتىپ قويغان بىر پەيتتە، ئەمدىلىكتە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن غەززەدە گۆرۈگە ئېلىنغان مىليونلىغان پەلەستىنلىكنىڭ ئاچارچىلىق ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن قىرغىن قىلىنىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. غەززەگە كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىنمايۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى ۋە داۋالاش ئەسلىھەلىرى غەززەنىڭ ئىچىدىكى ھازىرقى چوڭ ئاپەتنىڭ بېشارەتچىلىرىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ھۆرىيەت گېزىتى»، «نىشان 40 مىليون كۇبمېتىر ئىشلەپچىقىرىش» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار فىليوس تەبىئىي گاز پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى جەريانىدا: «ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىمىز 2 مىليون 700 مىڭ كۇبمېتىرغا يەتتى، بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ساننى 10 مىليون كۇبمېتىرغا يەتكۈزۈشنى، ئاندىن كۈنىگە 40 مىليون كۇبمېتىرغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتىمىز» دېدى.

«ساباھ گېزىتى»، «چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈركساتقا بولغان قىزىقىشى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركسات سۈنئىي ھەمراھىدىن مۇلازىمەت ئېلىۋاتقان چەت ئەل تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ سانى ئۈچ يىل ئىچىدە تەخمىنەن%69 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 83 تىن 140 قا يەتتى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئومۇمىي قانال سانى 523 كە چىقتى. بۇ ئۆزلەشتە چەت ئەل قاناللىرىنىڭ قىزىقىشىنىڭ ئېشىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

«خەبەر تۈرك گېزىتى»، ئامېرىكا ساياھەت شىركىتى «Lonely Planet» نىڭ «دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى دېڭىز ساھىلى» تىزىملىكىنى تەييارلىغانلىقىنى، تىزىملىكتە تۈركىيەدىن مۇغلانىڭ فەتھىيە ناھىيەسىگە جايلاشقان كاباك يېزىسىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر